لى چياڭ ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى بىلەن 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاۋسترالىيە زۇڭلىلىرى يىللىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى

2024.06.19 09:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شۇ جاي ۋاقتى 17-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن كانبېررادىكى پارلامېنت بىناسىدا ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانىس بىلەن 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاۋسترالىيە زۇڭلىلىرى يىللىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاۋسترالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىغا ۋە جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. جۇڭگو-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش ئەڭ مۇھىم تەجرىبە ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ئاۋسترالىيە بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، مۇقىم، تېخىمۇ مول نەتىجىلىك بولغان جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ تەرەققىياتى بىر-بىرىگە نىسبەتەن خىرىس ئەمەس، بەلكى پۇرسەت. جۇڭگو ئاۋسترالىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد سۆزلىشىشى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، سودا كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، تېرىلمە ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىپ، يەرلىك، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتمەيدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى تەرەپ كىشىلىرىنىڭ بېرىش-كېلىشىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو ئاۋسترالىيە بىلەن رايون ۋە خەلقئارا قاتلامدا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ، لاگېر قارشىلىشىشى ۋە «يېڭى سوغۇق ئۇرۇشى»غا قارشى تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى خالايدۇ.

ئالبانىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋسترالىيە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا قوشقان زور تۆھپىسىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. ئاۋسترالىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» نى قوللىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى سۆزلىشىش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋسترالىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئاۋسترالىيەگە كېلىپ ئوقۇشى، ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى بىرلىكتە قوغداشقا بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو ئاۋسترالىيەنى ئۆز ئالدىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغان دۆلەتلەر دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە ساياھەت، سودا، تۇغقان يوقلايدىغانلار بولسا ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە كۆپ قېتىم چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى بېرىشكە قوشۇلدى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد سۆزلىشىشى، ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى ھەمدە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ «جۇڭگو-ئاۋسترالىيە زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشى بىرلەشمە نەتىجە باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى كىچىك دائىرىدە سۆھبەتلەشتى.

سۆھبەتلىشىشتىن ئىلگىرى، ئالبانىس پارلامېنت بىناسى مەيدانىدا لى چياڭ شەرىپىگە داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. نەق مەيداندا 19 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ بايراقلىرى مەيدان ئاسمىنىدا لەپىلدىدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قوراللىق سالام بەردى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. لى چياڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ