6-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنىغا 20 مىليون دوللار ئىئانە قىلىپ، ب د ت نىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، بىرمۇ دۆلەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمايدۇ. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەپ، دۇنيانىڭ تىنچ، بىخەتەر، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.
مەنبە: خەلق تورى