لى شى كۇبا كومپارتىيەسى ئۆلكىلىك، شەھەرلىك پارتكوم رەھبىرىي كادىرلىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2024.06.14 09:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى 12-ئىيۇن بېيجىڭدا كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، ئاتمىسا ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى شۇجىسى مارتىنىس باشچىلىقىدىكى كۇبا كومپارتىيەسى ئۆلكىلىك، شەھەرلىك پارتكوم رەھبىرى كادىرلىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

لى شى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كۇبا كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر، ئورتاق غايە-ئېتىقادقا ئىگە. ئىككى تەرەپ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن 1-شۇجى دىئاز كانېل ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرلىكتە جۇڭگو-كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. لى شى يەنە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

مارتىنىس مۇنداق دېدى: كۇبا كومپارتىيەسى جۇڭگونىڭ قەتئىي قوللىغانلىقى ۋە قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۇبا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ