«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 ـ تومى، 2 ـ تومىنىڭ فىرانسۇز تىل ـ يېزىقى، رۇس تىل ـ يېزىقى، ئەرەب تىل ـ يېزىقى، ئىسپان تىل ـ يېزىقى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2024.06.19 09:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 ـ تومى، 2 ـ تومىنىڭ فىرانسۇز تىل ـ يېزىقى، رۇس تىل ـ يېزىقى، ئەرەب تىل ـ يېزىقى، ئىسپان تىل ـ يېزىقى نۇسخىسى يېقىندا چەت ئەل تىل ـ يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىغا تارقىتىلدى.

«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 ـ تومى، 2 ـ تومىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 ـ يىلى 11 ـ ئايدىن 2022 ـ يىلى 10 ـ ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى مۇھىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىدا بەرگەن «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» دېگەن دوكلاتى مۇقەددىمە قىلىنغان، باشقا ئەسەرلەر ۋاقىت تەرتىپى بويىچە كىرگۈزۈلگەن.

«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»تا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقانلىقى ھەم ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپە جانلىق خاتىرىلەنگەن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم نەتىجىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى تولۇق نامايان قىلىنغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشتىكى جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە جۇڭگو مەسئۇلىيىتى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىنغان، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر.

«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 ـ تومى، 2 ـ تومىنىڭ ئىنگلىز تىل ـ يېزىقى نۇسخىسى بۇ يىل 3 ـ ئايدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 ـ تومى، 2 ـ تومىنىڭ فىرانسۇز تىل ـ يېزىقى، رۇس تىل ـ يېزىقى، ئەرەب تىل ـ يېزىقى، ئىسپان تىل ـ يېزىقى نۇسخىسىنىڭ سىرتقا قارىتا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى دۆلەت سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق چۈشىنىشىگە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى خاس مۇھىم مەزمۇنىنى دەل جايىدا تونۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ