لى چياڭ يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.06.14 13:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شۇ جاي ۋاقتى 13-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ۋېللىنگتون ۋالىي مەھكىمىسىدە يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى لاكسون بىلەن سۆھبەتلەشتى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىم دەل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ۋە جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا توغرا كەلدى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا سىغدۇرۇشچان بولۇش، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئالدىدا مېڭىش» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ تەرەققىياتى بىر-بىرىگە خىرىس ئەمەس، بەلكى پۇرسەت، ئىككى دۆلەت داۋاملىق بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان، بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان، بىر-بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدىغان، بىر-بىرىدىن ئۆرنەك ئالىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيە بىلەن سودا كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىدىكى ئىقتىسادىي ئامىلدىن باشقا كاشىلىلارنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەرەققىياتىنى مۇقىم كۆزلىمە ۋە ياخشى سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. جۇڭگو تېخىمۇ كۆپ يېڭى زېلاندىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، يېڭى زېلاندىيە بىلەن ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو يېڭى زېلاندىيەنى ئۆز ئالدىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغان دۆلەتلەر دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، يېڭى زېلاندىيەنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يېڭى زېلاندىيەگە بېرىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

لاكسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى زېلاندىيە بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان 10 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، خادىملارنىڭ ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى. يېڭى زېلاندىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئاستىدا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى مۇلازىمەت سودىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى ھەمدە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ بىرلەشمە نەتىجىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئىككى دۆلەت مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكى سۆھبىتىنى باشلاشقا قوشۇلدى.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، لاكسون ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ شىمالىي چىملىقىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، لى چياڭنىڭ يېڭى زېللاندىيەگە رەسمىي زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. لى چياڭ ۋالىي مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلگەندە، لاكسون چىملىقنىڭ كىرىش ئېغىزىدا كۈتۈۋالدى. لاكسون لى چياڭغا ھەمراھ بولۇپ ماۋرىلارنىڭ قارشى ئېلىش مۇراسىمىنى كۆردى. لاكسون لى چياڭغا قارشى ئېلىشقا چىققان باش ۋالىي سىندې كىرو ئەر-خوتۇننى تونۇشتۇردى.

ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، 19 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ئارقىدىن لى چياڭ ھۆرمەت قاراۋۇلى ۋە ھەربىي ئوركېستىرنى كۆزدىن كەچۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ