ۋاڭ خۇنىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2024.06.14 13:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي تەشۋىقات-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رۈەن جۇڭيى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلتۇر 12-ئايدا، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باش شۇجى نۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتتى. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە باش شۇجىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

رۇەن جۇڭيى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ ۋىيېتنامنىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، «يولداش ھەم قېرىنداش»، «بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» روھى ۋە پىرىنسىپى بويىچە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋىيېتنام بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

شى تەيفېڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ