بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 6-ئاينىڭ 20-كۈنى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سىنلىق سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇساپىرلارنى قوغداش ۋە قوللاش سالمىقىنى زورايتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
گۇتېررېس مۇنداق دېدى: توقۇنۇش، مالىمانچىلىق، كىلىمات ئاپىتى قاتارلىقلار كىشىلەرنى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى، «بۇ، ئىنسانلارنىڭ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى». دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئۇلارنىڭ كۈچى ۋە جاسارىتىنى خاتىرىلەش ھەم ئۇلارنى قوغداش ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.
گۇتېررېس مۇنداق دېدى: مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىشىشىغا موھتاج، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇساپىرلار ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە تۇرمۇش ئىقتىدارىنى قايتا تۇرغۇزۇشقا موھتاج. ئەگەر پۇرسەت بولسا، مۇساپىرلار ئۇلارنى يىغىۋالغان مەھەللىلەرگە زور تۆھپە قوشالايدۇ، بىراق ئۇلار باراۋەر پۇرسەتكە ئېرىشىشى كېرەك، شۇنداقلا خىزمەت، تۇرالغۇ ۋە داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىقلارغا موھتاج.
گۇتېررېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياش مۇساپىرلار ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ ئارقىلىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا موھتاج. مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرمۇ مەدەت ۋە بايلىققا موھتاج، مۇساپىرلارنى جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادقا تولۇق سىڭدۈرۈش كېرەك.