مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنى كۆرسىتىش، باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى

2024.06.20 09:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنى كۆرسىتىش، باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ يىل تۇنجى قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نامىدا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەشنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىش، باھالاش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ھەمدە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باھالاش، تەقدىرلەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسى تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 2019 - يىلى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلار تەقدىرلەنگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ساھەلەردە بارلىققا كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنى باھالاپ، تەقدىرلەپ، ئىلغار ئىش ئىزلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە پائال تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىش، باھالاشنىڭ دائىرىسى ۋە شەرتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2019 - يىلىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان نەمۇنىلىك كوللېكتىپ ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر بىردەك كۆرسىتىلسە بولىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ۋاپات بولغانلارغا تولۇقلاپ نام بېرىلسە بولىدۇ. كۆرسىتىش ئوبيېكتلىرى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان بولۇشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇشى كېرەك. بۇ، كونكرېت ئېيتقاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقات - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتلەر ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەمدە باشقا جەھەتلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىش، باھالاش تەرتىپى ۋە خىزمەت تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بەلگىلەنگەن ئۆلچەم، شەرت ۋە تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كۆرسىتىلگەن ئوبيېكتلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، ئاساسلىق ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، كۆرسىتىلگەن ئوبيېكتلارنىڭ ئىلغارلىقى، ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە دەۋر خاراكتېرىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئاممىنىڭ باھاسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ