شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چىڭخۇا داشۆنىڭ پىروفېسسورى ياۋ چىجىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

2024.06.14 09:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جاۋاب خەت    

ياۋ چىجى ئەپەندى:

ياخشىمۇ سىز! خېتىڭىزنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. سىز ۋەتەنگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 20 يىلدىن بۇيان، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىڭىزنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، چىڭخۇا داشۆدە قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ئۈن ـ تىنسىز ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپسىز، سىزگە سەمىمىي سالام يوللايمەن.

سىزنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، ئۆز ئەۋزەللىكىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، پەنلەرنى گىرەلەشتۈرۈش ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

تېنىڭىزنىڭ سالامەت، خىزمىتىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك، ئائىلىڭىزنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

شى جىنپىڭ

2024 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چىڭخۇا داشۆنىڭ پىروفېسسورى ياۋ چىجىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىز ۋەتەنگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 20 يىلدىن بۇيان، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىڭىزنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، چىڭخۇا داشۆدە قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ئۈن ـ تىنسىز ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپسىز، سىزگە سەمىمىي سالام يوللايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىزنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، ئۆز ئەۋزەللىكىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، پەنلەرنى گىرەلەشتۈرۈش ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ياۋ چىجى ئىلگىرى ئۇزاق مەزگىل ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 2004 ـ يىلى بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بېرىپ ۋەتەنگە قايتىپ چىڭخۇا داشۆدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر چىڭخۇا داشۆ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، گىرەلەشمە ئۇچۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى. يېقىندا، ياۋ چىجى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ۋەتەنگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 20 يىلدىن بۇيانقى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىپ، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ