شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى چەت ئەل مۈلكىنى تىزگىنلەش ئىشخانىسى (OFAC) بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا سېربلار جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى دودىك ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت تورىغا قارىتا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تور ئىككى شەخس ۋە يەتتە ئەمەلىي گەۋدىدىن تەركىب تاپقان.