شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى

2024.06.14 09:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، ئورتاق گۈللىنىش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇب ـ شىمال سۆھبەتلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى سودا ۋە تەرەققىياتقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. بىز تارىخ ۋە خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، توغرا يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

− تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان خەلقئارا مۇھىت يارىتىش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك.

− ئوچۇق تەرەققىي قىلىدىغان دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

− يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىدىغان تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەش كېرەك. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، كەمسىتىشتىن خالىي رەقەملىك ئىقتىساد مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارنى ياخشى ئىشلارغا يۈزلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش ئېقىمىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، بۇ مۇقەررەر ھالدا دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تېخىمۇ زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ بىر ئەزاسى، مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە تەۋە. جۇڭگو باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىشنى پائال كېڭەيتىپ، سودا، سېلىنما، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلەپ، دۇنيانىڭ تىنچ، بىخەتەر، گۈللەنگەن، ئالغا باسقان گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ