شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار لايىھەنىڭ باشقا مۇۋاپىق سەپلىمە لايىھەسى يوق.
پۇتىن شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا ھەر ۋاقىت سۆھبەتلىشىشنى خالايدۇ، لېكىن سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ دونېتسكى، لۇگانىسكى، خېرسون ۋە زاپوروژېدىن ئىبارەت تۆت رايوندىن ئومۇميۈزلۈك ئەسكەر چېكىندۈرۈشى كېرەك. ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىن، رۇسىيە تەرەپ دەرھال ئۇرۇشنى توختىتىدۇ، ئارقىدىن ئىككى تەرەپ سۆھبەتنى باشلايدۇ، بۇ، ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرمەسلىكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇتىن يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا مۇستەقىل قارار چىقىرىشى كېرەك.