ھاۋارايى سەۋەبىدىن رۇسىيە يوتېيىر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى يېقىندا شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا قېلىن قارغا جىددىي قونغان، ئايروپىلان گەۋدىسى ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەن، ئايروپىلاننىڭ باش قىسىمى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان. بىراق، بەختكە يارىشا ئايروپىلاندىكى 36 يولۇچى ۋە بەش ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى ھايات قالغان.
رۇسىيە فېدېراتسىيە رازۋېدكا كومىتېتى بۇ ۋەقەگە قارىتا جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو تۇرغۇزغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئالاقىدار تارماقلارغا تەكشۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.