يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 443 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، خېبېي، سەنشى، جياڭسۇ، ئەنخۇي، شەندۇڭ، خېنەن، شەنشى قاتارلىق يەتتە ئۆلكىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللىدى. بۇ ئاساسلىقى نۇقتىلىق ھالدا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ سۇغىرىش، نەملىكنى تولۇقلاش، تېرىقچىلىقنى ياخشىلاپ، ئۇرۇقنى تولۇقلاپ تېرىش، ئوغۇتنى كۆپەيتىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىگە مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىشكە ئىشلىتىپ، يازلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يازلىق تېرىلغۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلاشقا كۈچ قوشىدۇ.