گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تور قانۇنچىللىقى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلار ئېلان قىلىندى: ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو تور ساھەسىدە 150 تىن ئارتۇق قانۇن تۈزۈپ ئېلان قىلىنىپ، ئاساسىي قانۇن نېگىز، قانۇن، مەمۇرىي نىزام، تارماقلار قائىدىسى ۋە يەرلىك نىزام، يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىس تايانچ، ئەنئەنىۋى قانۇن چىقىرىش ئاساس، تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق تور مەخسۇس قانۇن چىقىرىش غول لىنىيە قىلىنغان تور قانۇن سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، جۇڭگونىڭ تور قانۇنچىللىقىدىكى «ئاساسىي قۇرۇلما» بەرپا قىلىنىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى پۇختا تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.