مۇھىم خەۋەرلەر

«تېز يەتكۈزۈشتە شەخسىيىتىنى يوشۇرۇپ توشۇش تالونى» ئىشلىتىش نىسبىتى %88.45 كە يېتىپ، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قوغدالدى

2024.06.19 16:27 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تور قانۇنچىللىقى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تور قانۇنچىللىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چاڭشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلارApp دا قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش، ئىشلىتىشنى مەخسۇس تۈزەش، پوچتا تېز يەتكۈزۈش ساھەسىدە شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى. تۈزەش ئارقىلىق، شەخسىي ئۇچۇر كۆرۈنمەيدىغان تېز يوللانما شەخسىيەتنى يوشۇرۇپ توشۇش تالونى ئومۇملاشتۇرۇلدى. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەخسىيەتنى يوشۇرۇپ توشۇش تالونىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىشلىتىلىش مىقدارى 370 مىليون پارچىدىن ئېشىپ، ئىشلىتىلىش نىسبىتى % 88.45 كە يەتتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ