خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى): كۈز كىرگەندىن بۇيان، بىر توپ كۈلرەڭ تۇرنا باي ناھىيەسىنىڭ مۇزات دەرياسى بويىدىكى سۇلۇق يەرگە ماكلانلاشتى.
ھازىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مۇزات دەرياسى بويىدا كەڭ كۆلەمدە ئۆسكەن جىغان، يۇلغۇن، قۇڭغۇراقتىكەن قاتارلىق چاتقال ئۆسۈملۈكلەر كۈلرەڭ تۇرنا، قارا لەيلەك، ئاق قۇ قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان نۇرغۇن قۇشلارنىڭ ياخشى ماكانى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى