خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز) مەن 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرا قاراقۇرۇم تېغىدا بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولدۇم. بىز چەرچەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تۇرسۇن ياقۇپنىڭ ھەمرالىقىدا چەرچەن بازىرىدىن چىقىپ ناھىيە بازىرىغا 180كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز يۈزىدىن 3100مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوتۇرا قۇرۇم تەبىئىيلىكنى قوغداش رايونىغا جايلاشقان تۇرا چارۋىچىلىق فېرمىسىغا چىقتۇق.ئوتتۇرا قۇرۇم تەبىئىيلىكنى قوغداش رايوننىڭ ئومۇمى كۆلۈمى 32مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان قىسمى 6900مېتىر، بۇ رايوندا دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن يىلپىز، ئېيىق، قوتاز،قۇلان،ئارقار، كۆكمەك.....، ئۇچار قۇشلاردىن سېرىق بۈركۈت،قارچۇغا، سار،ئۇلا،كەكلىك......،ئۆسۈملۈكلەردىن يەر مەدىكى، ياغاچئەڭلىك، داناسىگەك، سۇمبۇل، ياپچان قاتارلىق 54خىل قۇش،ياۋايى ھايۋان،ئۆسۈملۈك بار بۇ تاغلىق رايوننىڭ ھاۋا كىلىماتى سۇغۇق بولۇپ يايلاق دالىلار ئەمدى ياشىرىشقا باشلاپتۇ.چارۋىچىلار ئۆچكىلەرنىڭ تىۋىتىنى ئېلىش بىلەن ئالدىراش ئىكەن.بىز دېڭىز يۈزىدىن 5500مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىگىز قارلىق چوققىلاردا ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە تاغلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى سۈرەتكە ئېلىشتا بولدۇق. مەن تۆۋەندە شۈ سۈرەتلەردىن بىر نەچچە پارچىنى ھۇزورۇڭلارغا سۇنماقچى
مەنبە: خەلق تورى