خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقى تەربىيە ئېيى پائالىيتىنى تېخىمو مول مەزمۇنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، 22- ماي، قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى رەھبىرى كادىرلارنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزا سوڭگۇلاچ كەنتىدىكى 35 نەپەر مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقى بويىچە «بەشتە بىر ئالاقە باغلاش» ئاھالە ئەزالىرىنى قەشقەر شەھىرىگە تەكلىپ قىلىپ، بىرلىكتە كوناشەھەر رايۇنىنى ساياھەت قىلىپ، ئۆزگىرىشلەردىن تەڭ بەھرىمان بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
سۈرەتتە: كوناشەھەر ساياھەت رايۇنىنى بىرلىكتە ئايلىنىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى