خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ۋە توبرىچى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ «مەدەنىيەتلىك كوچا» بەرپا قىلىش پىلانىغا ئاساسەن، 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە كورلا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى توبرىچى يېزىسىنىڭ 600 مېتىرچە ئۇزۇنلۇقتىكى مەدەنىيەت كوچىسىغا (يەنى توبرىچى يېزىلىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، قوش تىل يەسلىسىنىڭ قورو تېمىغا) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىناق جەمىئيەت قۇرۇش، جۇڭگو ئارزۇسى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەش، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، مولھوسۇل شادلىقى، ساقلىقنى ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى توبرىچى يېزىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ سىزىپ چىقتى. سىزىپ چىقىلغان بۇ 100 پارچىدىن ئارتۇق تام رەسىمى ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيتىشتا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، يېزىلارنىڭ «سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتلىك يېزا» بەرپا قىلىشىدىكى مۇھىم بىر نامايەندىسى بولۇپ قالدى.
سۈرەتتە: گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى مەكتەپ تېمىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭگو ئارزۇسى تېمىسىدىكى رەسىملەرنى سىزماقتا.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى