مۇھىم خەۋەرلەر

قەلب باشتىن-ئاخىر بىر يەرگە باغلاندى

2024.02.07 14:33 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىنگە كېلىپ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، شەھەر كوچىلىرىغا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە، كۆكتات پارنىكلىرىغا بېرىپ، تەپسىلىي كۆردى؛ ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، بالىلارنىڭ ئوقۇشى، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىنچىكە سورىدى. گۈزەل تىلەكلەرگە سەمىمىي ئۈمىد باغلانغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تەرەققىيات پىلانى تۈزدى، ئۇنىڭ سەمىمىي ھەم چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتى خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش»تەك روشەن مەيدانىنى نامايان قىلىپ، «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دەيدىغان ئالىيجاناب خىسلىتىنى ئىزاھلىدى.ۋاقىت توختىماي ئاقماقتا، مۇھەببەت توختىماي داۋاملاشماقتا. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر يىلى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن پاراڭلىشىپ، ھال-ئەھۋال سوراپ، بەخت تىلىدى. «دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولۇشتا، خەلق خاتىرجەم بولسا دۆلەت ئاندىن تىنچ بولىدۇ»، «پۇقرالارنىڭ ئىشى ئەڭ مۇھىم ئىش، چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك» «مېنىڭ قەلبىم كۆپچىلىكنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبى بىلەن باشتىن - ئاخىر زىچ باغلانغان» «كاتتا باھار بايرىمىدا، مەن ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى تېخىمۇ ئەسلەپ تۇرىمەن»... تاغلار ئېگىز، يوللار يىراق بولسىمۇ، يىلدا باشتىن-ئاخىر غەمخورلۇق قىلىپ، چوڭقۇر مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇردى. بۇنىڭدىن بىز «بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار ھەم ناھايىتى ئاددىي، تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش»نى تېخىمۇ چۈشىنىپ، «ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈن چىقىش»قا تېخىمۇ بەل باغلىدۇق.

  بوشاشماي تىرىشقاندىلا، پارلاق كەلگۈسى ياراتقىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باھار بايرىمىلىق ئىزلىرىدا خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىرى بار؛ كەسپىي تەرەققىيات پىلانى، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارغا بولغان ئۈمىدى بار. تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولساقلا، چوقۇم «تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈپ»، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ