شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى، سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

سەي چى خۇلاسىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2024.02.05 13:16 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

  يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى خۇلاسە دوكلاتى ۋە باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى قاراپ چىققاندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنى باشلىنىش يىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ قويۇۋاتقان مەسىلىلەر، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كۆزلىمە نىشانغا يېتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پىكىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق قانۇنىيەتنى چۈشىنىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تۈزىتىش - تۈزەش، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىغا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزىتىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، پاك بولۇش ئىستىلى، ئاددىي - ساددا بولۇش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزلىك ئىنتىزام تەربىيەسىنى تەشكىللەپ ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى سىجىل پۇختىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي تۆھپە يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

  يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، باش تېما تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى تۈپ سەۋەب پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى پىلانلىشى، بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىشى، پۈتۈن جەريانغا يېتەكچىلىك قىلىشى، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشىدىن بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سەپەرۋەرلىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى قاراپ چىقتى، باش تېما تەربىيەسىنى چۆرىدەپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشى ۋە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەم كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى يېڭى دەۋردە پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تەجرىبىلەرنى توپلىدى، ئاساسلىقى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈش، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مەركىزىي ۋەزىپە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭا ياخشى خۇلاسىلەش، ياخشى تەتبىقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە ماركسىزمنىڭ ئاساسىي ماھارىتىنى پۇختا ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇجەسسەملەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» تەجرىبىسىنى ياخشى تەتبىقلاپ، پارتىيەمىزنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئېسىل ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزلىك ئىنتىزام تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا پولاتتەك ئىنتىزامنى كۈندىلىك ئادەت ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  لى گەنجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى شۇلېي، جياڭ شىنجى ۋە مياۋ خۇا يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، قىسمەن كارخانىلار ۋە ئالىي مەكتەپلەر، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك سەييارە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى بۇلتۇر 4 - ئايدا باشلانغان، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى، نۆۋەتتە ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ