ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2024.02.06 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 5- چېسلا مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار بىلەن بىرلىكتە چاغاننى تەبرىكلىدى ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ 2023- يىللىق خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم 2024- يىللىق خىزمەتلەرگە بولغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئورنىنى توغرا تېپىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە ۋەزىپە - تەلەپلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى دىنىي ئىستىل بەرپا قىلىش كېرەك. دىنىي ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك بولۇش، دىنىي بىلىمى بولۇش، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە ئاممىنى قايىل قىلىش، ھالقىلىق پەيتتە رول ئويناشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىن خىزمىتىگە باشتىن-ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، دىنىي زاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار دىن ساھەسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى زىيارەت قىلىش، ھال سوراش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، چاغاننى خۇشال-خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك جەمئىيىتى، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ