دىڭ شۆشياڭ نورۋېگىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئەيدې بىلەن كۆرۈشتى

2024.02.07 13:10 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 6- چېسلا بېيجىڭدا نورۋېگىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئەيدې بىلەن كۆرۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو - نورۋېگىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىپ، جۇڭگو - نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىدۇ، نورۋېگىيە بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ، نورۋېگىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتمەيدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن داۋاملىق تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو نورۋېگىيە بىلەن بىرلىكتە، مۇھىتنى تۈزەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىپ، دۇنيا يېشىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ئەيدې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نورۋېگىيە جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىدارە قىلىشتا ئوينىغان مۇھىم رولىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، نورۋېگىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ