شى جىنپىڭ نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېيىنگوبنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامىبىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى مۇبېمباغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.02.06 09:14 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېيىنگوبنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامىبىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭى مۇبېمباغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، نامىبىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھەم زۇڭتۇڭ گېيىنگوبنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ گېيىنگوب نامىبىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو - نامىبىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - نامىبىيە، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقى نامىبىيە خەلقى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش، جۇڭگو خەلقىمۇ بىر ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن نامىبىيەنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، نامىبىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ