لى چياڭ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن چاغانلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

2024.02.05 13:01 مەنبە: خەلق تورى

  دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 2- ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2023- يىللىق جۇڭگو ھۆكۈمىتى دوستلۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى چياڭ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. شىۋېيتسارىيە، گېرمانىيە، بىرازىلىيە، كورېيە، تايلاند، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى، يېشىل تەرەققىيات، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو - چەت ئەل ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. كۆپچىلىك جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، نۇرغۇن قان - تەر سىڭدۈردى ھەم پائال تۆھپە قوشتى، ھەم كىشىلىك ھاياتتىكى غايە ۋە قىممەتنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، مەيلى ھازىر ياكى كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ھەممىسى پۇرسەتكە تولغان تەرەققىيات مۇنبەت تۇپرىقى بولۇپ، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر قاتارلىق تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىنى كەڭ زېمىن بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئېچىۋېتىش ئاساسىدىكى تەرەققىيات، بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تالانتلىقلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قارشى ئالىمىز. چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق چوڭقۇر قاتنىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭ سەھنىسىدە تالانتىنى تولۇق نامايان قىلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقە، ئالماشتۇرۇشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك، ۋاسىتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالاقىدار سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.

  ۋاڭ يى، ۋۇ جېڭلۇڭ، چېن يىچىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ