شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا باھار بايرىمىلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2024.02.05 09:37 مەنبە: خەلق تورى

  2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئورتاق تەبرىكلەيدىغان جياچېن يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا باھار بايرىمىلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، رۇەن فۇجۇڭ ۋە ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى، ۋىيېتنام خەلقىنىڭ باھار بايرىمىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى ۋە گۈزەل تىلەك تىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2023 - يىلى، جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلاشتى ۋە جانلاندى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تېز ئۇدۇللاشتۇرۇلدى، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پوتېنسىيال ئېنېرگىيەسى كۈچلۈك بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى جانلىق ۋە سۈپەتلىك بولدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان دوستانە كەيپىياتتا، مەن كېلىشكىنىمىز بويىچە ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولۇپ، يېڭى دەۋردىن بۇيان يولداش باش شۇجى بىلەن بولغان 3 - قېتىم ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق جاكارلاپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىسى، يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىي غەيرىتى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يىللار تەرتىپ بويىچە ئالماشتى، شانلىق سەھىپە كۈندىن - كۈنگە يېڭىلاندى. 2024 - يىلىغا نەزەر سالساق، مەن يولداش باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتىشكە يېتەكلەپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەرقايسى يولدىكى، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكى، ھەرقايسى ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جانلىق ئەمەلىيەتلەر، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلەشنى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

  رۇەن فۇجۇڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: 2022 - يىلى 10 - ئايدا مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان، ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. 2023 - يىلى 12 - ئايدا، يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ۋە ۋىيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ «ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش» روھىدا چىڭ تۇرۇپ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى ئېلان قىلىپ، نەچچە ئون تۈرلۈك مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدۇق. بۇ مول نەتىجىلەر ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ساغلام، ئەمەلىي، مول نەتىجىلىك يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشى، ئۇزاق مەزگىل مۇقىم بولۇش، ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى، ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

  رۇەن فۇجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن باشتىن - ئاخىر يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇچرىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدىم ھەم شۇنداق قىلىشنى خالايمەن، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىرى، ھەرقايسى جايلىرىنىڭ يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە كېلىشىمنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمەن ۋە يېتەكچىلىك قىلىمەن. بۇ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، شۇ رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، ھەمكارلىقى، تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تىلەكداشمەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن، قېرىنداش جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭى يىلدا بەختلىك، تىنچ - ئامان بولۇشىغا تىلەكداشمەن!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ