لى چياڭ ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبى « مۇز يارغۇچىلار»نىڭ 2024- يىللىق چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

2024.02.07 13:09 مەنبە: خەلق تورى

  2- ئاينىڭ 5- كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبى « مۇز يارغۇچىلار»نىڭ 2024- يىللىق چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبى جۇڭگو - ئەنگلىيە ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئەنگلىيەدىكى پېشقەدەم دوست زاتلارنىڭ تارىخىي تۆھپىسى مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ھەم ئىككى تەرەپنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق. جۇڭگو - ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ مۇز يېرىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق پائال، كۈچلۈك ھەرىكەت كېلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش، جۇڭگو - ئەنگلىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ