خەن جېڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاسسىس بىلەن كۆرۈشتى

2024.02.07 13:11 مەنبە: خەلق تورى

  2- ئاينىڭ 6 - كۈنى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاسسىس بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيە يېڭىلىق يارىتىشنى بەلگە قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - شىۋېيتسارىيە دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە 3 چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو شىۋېيتسارىيە بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كاسسىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىۋېيتسارىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ھەرقايسى قاتلاملار ئالاقىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ