مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2024.02.06 09:28 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىرى يىغىنى 5- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەشكىلات خىزمىتىگە قويغان تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

  سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىللىق تەشكىلات خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ نېگىزى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلاپ رول ئېلىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكلىشىدە. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، تۈپ بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى مۇھىم، زور ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە نامايان قىلىش كېرەك.

  سەي چى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشىنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نەزەرىيە تەلىم - تەربىيەسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، سىياسىيغا سادىق بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بەنزە قۇرۇلمىسى ۋە ئومۇمىي فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان كۈچلۈك كوللېكتىپنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا ئىلھام بېرىشنى يۈكسەك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ئارقىلىق ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول باشلىقلار»نى قاتتىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، كەڭ كادىرلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۆھپە قوشۇپ ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، توپلاش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى ۋە تەشكىلىي فۇنكسىيەسىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيې يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى ۋە ئىختىساسلىقلار سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسنى كۈچەيتىش، مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز. تەشكىلات تارماقلىرى «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، قاتتىق، ئەمەلىي ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  جياڭ شىنجى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ