مۇھىم خەۋەرلەر

ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش

2023.11.15 10:59 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئالاتاۋ پورتىدىن دۆلەت دەرۋازىسىدىن يولغا چىقتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ۋە ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى باقتۇ پورتىدىن بىر-بىرلەپ چىقتى، لىققىدە يۈك بېسىلغان ساندۇقلۇق يۈك ئاپتوموبىللىرى قونجىراپ پورتىدا تاموژنىدىن تېز ئۆتتى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، شىنجاڭ نىسپىي يېپىق ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. يېقىندا گوۋۇيۈەن «جۇڭگو شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى، لايىھەنىڭ يولغا قويۇلۇشى مۇقەررەر ھالدا ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  «بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول ياۋروپا بىلەن ئاسىياغا تۇتىشىش». شىنجاڭ ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى پورتلىرى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا تەڭداشسىز ئورۇن ۋە رولغا ئىگە. «شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى-تاشقى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىپ كىرىش»، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويلىرىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى تېز بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشتىكى تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  بۇرچ كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارزۇنى روياپقا چىقىرىدۇ. ئۈرۈمچىنىڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، خەلقئارا سودا، ئىلغار ياسىمىچىلىق، يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەتنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئوچۇق زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش؛ قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا يۈزلەنگەن خاس كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىش؛ پورت ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلاپ، پورتنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ جۇڭگو−ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش... شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى موللاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. 2022-يىلى، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 246 مىليارد 360 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57 ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 252 مىليارد 840 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %47.3 ئاشتى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا «بىر بەلباغ، بىر يول»يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق بوشلۇقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى سىجىل ئۆستى، «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش»، «غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرققە كىرگۈزۈش» داۋامىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

  تارىخىي ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ پۇختا قەدەم بىلەن جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىپ كىرىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ،‹بىر بەلباغ، بىر يول›يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك». ئىلگىرىلەش يولىدا، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىسىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇقلۇق، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  2022-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:«< بىر بەلباغ، بىر يول > نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ يىللاردىن بۇيان، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ چەت-ياقا رايون بولماستىن، بەلكى يادرولۇق رايون، تۈگۈن رايون بولدى، سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلار تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلار بولۇپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تېخىمۇ غەيرەت قىلىڭلار، شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولغۇسى». يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىپ كىرىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلەيمىز، شىنجاڭ چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، يېڭى پەللىگە چىقالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ