شى جىنپىڭ كامبودژا پادىشاھلىقى مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇڭسېنغا ئايرىم - ئايرىم تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2023.11.13 09:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژا پادىشاھلىقى مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كامبودژا پادىشاھى سىخامونىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كامبودژا خەلقى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەنئەنىۋى دوست، قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ مۇقىملىقنى قوغدىشى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەم جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇق يىلى، بىز بېيجىڭ ۋە خاڭجوۋدا سەمىمىي كۆرۈشۈپ، جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزدۇق. مەن جۇڭگو - كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ سىخامونى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك يېڭى دەۋر جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايمەن.

  شۇ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇڭسېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ