مۇھىم خەۋەرلەر

تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولايلى

2023.11.13 10:10 مەنبە: خەلق تورى

  ئالاقە تورى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ماكانى. رەقەملىك تېخنىكا مەيلى قانداق يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلسۇن، مەيلى خەلقئارا مۇھىت قانداق ئۆزگەرسۇن، ھەر بىر ئادەم تور بوشلۇقىدا بار - يوقنى تەڭ كۆرىدۇ، تەقدىرى ئۆزئارا باغلانغان بولىدۇ. 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلىپ، «بىز ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىشىپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، گۈللەنگەن، تىنچ، بىخەتەر، باراۋەر، سىغدۇرۇشچان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىغا قۇدرەتلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيە قوشتى.

  بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، قانداق قىلىپ تەرەققىيات قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىش، خەۋپسىزلىكتىكى مۈشكۈل ئەھۋالنى تۈگىتىش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىش بىز ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان دەۋر تېمىسى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان ئىشنى قىلمىدى، بەلكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى. رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ھەمكارلىقنى قارشىلىشىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى باشقىلارنى چەتكە قېقىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولغاندىلا، تۈرلۈك دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ياراتقىلى بولىدۇ.

  ئالاقە تورى كۈنسېرى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە، خەۋپسىزلىكنى قوغداشتىكى يېڭى ساھەگە، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى يېڭى سۇپىغا ئايلانماقتا، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەم دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ساداسى. 2015 - يىلى رەئىس شى جىنپىڭ 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇنياۋى ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى «تۆت پىرىنسىپ»، «بەش تەشەببۇس»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇ ئىدىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىش ۋە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تور بوشلۇقى خەلقئارا ھەمكارلىقى تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىستىكىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى رەقەملەشكەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، مۇستەھكەم بىخەتەرلىك توسىقى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەيدۇ. ئىلگىرىلەش يولىدا جۇڭگو تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، گۈللەنگەن، تىنچ، بىخەتەر، باراۋەر، سىغدۇرۇشچان تور بوشلۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

  ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىغا موھتاج، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كۆپچىلىك ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا ئەگىشىپ، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە تېز سىڭىپ كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئالاقە تورىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش، رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، رەقەملىك ساپا ۋە ماھارەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ تەڭپۇڭسىز بولۇشى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە ۋە چەكلىمەكتە. رەئىس شى جىنپىڭ «بىز تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، گۈللەنگەن تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز» دەپ كۆرسەتتى. رەقەم ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، رەقەم ھاڭىنى كىچىكلىتىپ، ئالاقە تورى تەرەققىياتىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلىغاندىلا، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقنى ئالاقە تورى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرگىلى بولىدۇ.

  بىخەتەرلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بىخەتەر، مۇقىم، گۈللەنگەن تور بوشلۇقى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، تور بىخەتەرلىكى دۇنياۋى خىرىس، ھەرقانداق دۆلەت بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»دە بېكىتىلگەن ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش پىرىنسىپى ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى بولۇپ، ئوخشاشلا تور بوشلۇقىغىمۇ ماس كېلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ «بىز باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، تېخىمۇ تىنچ، بىخەتەر تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز» دەپ كۆرسەتتى. تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، تور بوشلۇقى خەلقئارا قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا كۈچەپ زەربە بېرىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداشنى كۈچەيتكەندىلا، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن قائىدە توقۇنۇشى، جەمئىيەت خەۋپ - خەتىرى، ئېتىكا خىرىسىغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ.

  مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن رەڭدارلىققا تولىدۇ، مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش سەۋەبىدىن بېيىتىلىدۇ. ئالاقە تورى ئىنسانىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە. توردا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تور مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. رەئىس شى جىنپىڭ «بىز مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، تېخىمۇ باراۋەر، سىغدۇرۇشچان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز» دەپ كۆرسەتتى. توردا ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرغىلى بولىدۇ. تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك تور مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولغاندىلا، تور مەنىۋى ماكانىمىزنى ئورتاق بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

  ئۇچۇر ئىنقىلابى دەۋر ئېقىمى ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، تور بوشلۇقىغا ئىنسانلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان چەكسىز تەلپۈنۈشى مۇجەسسەملەنگەن. ئىلگىرىلەش يولىدا، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، تور بوشلۇقىدىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلغاندىلا، ئالاقە تورىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، تېخىمۇ پاكىز، تېخىمۇ بىخەتەر قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ