مۇھىم خەۋەرلەر

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، بېكىتىلگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرايلى

2023.08.08 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  ئارزۇ - ئىستەك ئۈچۈن ئاتلانغان مۇساپە ئەزەلدىن بوران - چاپقۇندىن قورققان ئەمەس؛ دەھشەتلىك دولقۇنلارنى بۆسۈپ ئۆتكەن كېمىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىننىڭ شىددەتلىك قاينىمىدا ئىلگىرىلەش ئىرادىسى تېخىمۇ نامايان بولىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى سىجىل ئەسلىگە كېلىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سېلىپلا قالماي، باشلىنىش يىلىدىكى تەرەققىيات سۈپىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.


  ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدىن قارىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪5.5 ئېشىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق ٪3لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن، شۇنداقلا يۇقۇم يىلىدىكى ٪4.5لىك ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى نامايان قىلىندى. تەرەققىيات سۈپىتىدىن قارىغاندا، توكلۇق ئادەملىك ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ۋەكىللىكىدىكى «يېڭى ئۈچ خىل» مەھسۇلاتنىڭ ئېكسپورت سۈرئىتى تېزلىشىپ، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ٪12.9 ئېشىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە گۇۋاھ بولدى. بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىدىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن 11 مىليون 365 مىڭ يەككە سودا -سانائەتچى كۆپىيىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت قىلغانلار ئومۇمىي قېتىم سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %63.9 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 22 تىرىليون 758 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچى نامايان قىلىندى. سۈپەت ئۈنۈملۈك ئۆسۈپ، مىقدار مۇۋاپىق ئېشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «مۇقىم بولۇش» ئاساسى تېخىمۇ پۇختا، «ئىلگىرىلەش»نىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى يەرشارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي ھالىتى ئۆزگەرمىدى، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق» دېگەن ھۆكۈمىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.


  مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىت، قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلە، دەۋر خاراكتېرلىك زىددىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن ۋەزىيەتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىز ئىقتىساد چوڭ پاراخوتىنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى−−


  بۇ «ۋاقىت» ۋە «ۋەزىيەت»نى چوڭقۇر كۆزىتىش. «قاچان قىيىنچىلىق بولۇپ باقمىغان؟ قىيىنچىلىقلارنى بىر ـ بىرلەپ يەڭدۇق، يىلمۇيىل يەڭدۇق، ئىشلىرىمىز يىلمۇيىل ياخشىلاندى، جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. داۋان ھالقىپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشىمىزدىكى ئاچقۇچ ئىشەنچنى ئاشۇرۇشىمىزدا» بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراققا نەزەر سېلىپ مۇنداق دېدى: «كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، چىگىچ، ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق كۆزلىمىنى ياخشىلاش، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇشتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، مۇھىم، زور ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك». يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە زور ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئېھتىياج تارىيىش، تەمىنلەش زەربىگە ئۇچراش، كۆزلىمە ئاجىزلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ قات بېسىمنى پەسەيتىشكىچە، يەنە تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ئىشەنچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇشقىچە، باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملىگەنلىكىمىزدىن، بىز «يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا ئاتلىنىش، قەدەم ئېلىش بىلەنلا ئاتاكىغا ئۆتۈش» ھالىتىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاكتىپ ئامىللارنى ئۈزلۈكسىز توپلىدۇق.


  بۇ «خەتەر» ۋە «پۇرسەت»نى ئىلمىي ئىگىلەش. «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە». بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا «تۆت جەزمەن» ئېنىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان مەۋھۇم يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئەمەلىي ئىقتىسادنى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، خېبېيدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك» دەپ تەكىتلىدى، سىچۈەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولۇپ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ يېڭى ساھەسى، يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئېچىش، تەرەققىياتتا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەخىرسىز تەلىپى، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشقا، بولۇپمۇ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشى ۋە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى... ھەر قېتىملىق تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەش ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى، ھەربىر چوڭقۇر، مۇكەممەل ھۆكۈملەر، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.


  بۇ «مۇقىملىق» ۋە «ئىلگىرىلەش»كە بولغان توغرا يېتەكچىلىك. «ئاشلىق بىخەتەرلىكى <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>، تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ جېنى» ، يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. تاسادىپىي ئىشلاردىن ئالدىن مۇداپىئەلىنىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەقەللىي ساۋات. باش شۇجى تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇشنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى. ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خەۋپ -خەتەرگە كاللىمىزدا بىر پارچە ئومۇمىي كۆرۈنۈش بولۇشى، دائىم تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشىمىز، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىشىمىز كېرەك» بۇ «يېڭى يىلدىكى تۇنجى دەرس»تىكى سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش؛ «خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىدا يۈز بەرگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا، جەزمەن سالماق، تەمكىن بولۇش، ئىرادىنى ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، دادىل كۈرەش قىلىش كېرەك»، بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىك.


  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز ئاساسنى ساقلاپ قېلىش، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا پائال ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى بېسىپ، جەڭدە تەشەببۇسكار بولۇپ، يېڭى بىخەتەرلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.


  دەھشەتلىك دولقۇن بىمالال ئۆتۈپ، بوران-چاپقۇن توسالغۇسىز ئالغا قاراپ ماڭدى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادى دائىم خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، بوران-چاپقۇنلاردا ئۆسۈپ يېتىلىدى، سىناقلاردىن كېيىن زورايدى، ئەڭ تۈپ نېگىزى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باشلامچى بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، «ئىككىنى تۇرغۇزۇش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئىتتىپاقلىشىپ، «مۇستەھكەم پولات»قا ئايلىنىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولساقلا، جۇڭگو ئىقتىسادى ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ، «كۈچ توپلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ».


  بۇ يىل پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ھالقىلىق يىل. پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ئوبدان تاشلاشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئېلىمىز ئىقتىسادى غايەت زور تەرەققىيات ئېلاستىكىلىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىۋاتقان ئاساسىي ئەھۋالنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى دەل بىزنىڭ ئىشەنچىمىز ۋە غەيرىتىمىز. شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دولقۇنسىمان تەرەققىي قىلىش، ئەگرى-توقاي ئىلگىرىلەش جەريانىدۇر. نۆۋەتتە ئىچكى ئېھتىياج يېتەرلىك ئەمەس، بەزى كارخانىلارنىڭ تىجارەتتە قىيىنچىلىقى بار، نۇقتىلىق ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپ بىر قەدەر كۆپ، تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى يېڭى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل، خىرىس قانچە كەسكىن بولسا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ساقلاپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېشىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ سىجىل كۈچىيىشى، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى سىجىل ياخشىلاش، خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى داۋاملىق پەسەيتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.


  كاتتا قائىدە ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. پۈتۈن يىللىق نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇھىمى ھەرىكەتتە، مۇھىمى ئەمەلىي ئىشلەشتە بولۇشى كېرەك. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپە ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر ۋاقىت خاتىرجەم بولالمايدىغان روھىي ھالەت ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى جاپا-مۇشەققەت ۋە توسالغۇلارنى يېڭىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولسىلا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يىتەكچىلىكى بولسىلا، يۈز مىليونلىغان خەلق ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسىرانە كۈرەش قىلسىلا، بىز چوقۇم يېڭى مۇساپىنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالايمىز.


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ