- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
9 ياشلىق ئوغۇل بالىنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئەرگە كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى
2013.09.10 16:48
خەلق تورىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6 يىل ئىلگىرى 9 ياشلىق شياۋخاۋ (ئىسمى ئۆزگەرتىلدى) تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، جەسىدى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، شياۋخاۋ بىلەن بىر كەنتتىكى جاڭ لىفېڭ جىنايەت گۇماندارى دەپ جەزىملەشتۈرۈلگەن، كېيىن خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى قېتىم تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى بىلەن كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان، ھۆكۈم سەۋەبى «دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ» دەپ ئەسكەرتىلگەن. لاڭفاڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئىككى قېتىم نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، دەرھال ئىجرا قىلىش كېرەك دەپ قارىغان. ھازىر بۇ دېلونى خېبېي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. لاڭفاڭ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار سوتى باشلىقىنىڭ 9-سېنتەبىردە دېيىشىچە بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلار ئىككىنچى سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىشىغا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈمىنى ئويلىشىشنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى چۈشەندۈرەلمەيدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى