مۇھىم خەۋەرلەر

چەت ئەل تاراتقۇلىرى: ماسكتىن ئېشىپ كەتكەن! زاككېربېرگ دۇنيادىكى ئۈچىنچى بايغا ئايلاندى

2024.04.09 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  «ۋال سترېت كوچىسى گېزىتى»نىڭ 8-چېسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا Meta نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك زاككېربېرگ دۇنيادىكى 3-چوڭ بايغا ئايلىنىپ، 2020-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تېسلا CEO ماسكتىن ئېشىپ كەتكەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 3-ئاينىڭ بېشىدا ماسك ئىلگىرى بىلۇمبېرگ مىلياردېرلار كۆرسەتكۈچى تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. يېقىندا، «تېسلا باھاسى تۆۋەنرەك ئاپتوموبىلنى بازارغا سېلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇردى» دېگەن خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، گەرچە ماسك ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ رەت تەرتىپىدە يەنىلا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2024-يىلى ماسكنىڭ بايلىقى 48 مىليارد 400 مىليون دوللار ئازىيىپ كەتكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، Meta Platforms Inc (META) نىڭ پاي باھاسى نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، زاككېربېرگنىڭ بايلىقى 58 مىليارد 900 مىليون دوللار ئاشقان.

  بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ يەنە خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 2020-يىل 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن بۇيان، زاككېربېرگنىڭ تۇنجى قېتىم بلۇمبېرگ مىليادېرلار كۆرسەتكۈچى تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا كىرىشى ئىكەن. ماسكنىڭ ھازىرقى ساپ مۈلكى 180 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، زاككېربېرگنىڭ ساپ مۈلكى 186 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، فىرانسىيەدىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى باشلامچىسى LV MH نىڭ باش مۇدىرى ئارنو بىلەن ئامازون شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بېزوس ئايرىم-ئايرىم ھالدا 223 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 207 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىق بىلەن بلۇمبېرگ مىليادېرلار كۆرسەتكۈچى تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئىككى ئورۇندا تۇرغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ