لى چياڭ ھىندونېزىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

2024.04.03 11:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدا ھىندونېزىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى پرابوۋو بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. سىز زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدىڭىز. 1-ئاپرېل، رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن جۇڭگو-ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ساقلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش قاتارلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  پرابوۋو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن زۇڭتۇڭلىققا سايلىنىپ تۇنجى بولۇپ جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلدىم، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمەن. ھىندونېزىيە يېڭى ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قويۇق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ.ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ