لى چياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2024.04.09 14:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، جاڭ يۈيەن، ۋۇ گې، پېڭ ۋېنشېڭ، بەي چۇڭئېن، گۇ جيې، جاڭ شاۋمىڭ، لى شيەندې، جياڭ يىڭۋۇ قاتارلىقلار سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىت ئالدىدا، ئېلىمىز ئىقتىسادى داۋاملىق قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلاندى، ئاكتىپ ئامىللار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، بازار ئىشەنچىسى كۈچەيدى. كۆپچىلىك ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە ساقلىنىۋاتقان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەھلىل قىلدى ھەم ماكرولۇق سىياسەتنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپ بەردى.

  لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇقىم ئاشۇرۇش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئۇسۇلدا بۇرۇلۇش ياساش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، سىياسەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتە تاشقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقى ئاشماقتا، ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈشتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى يەنىمۇ تىرىشىپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشتە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش؛ داۋاملىق ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، روھنى يېتىلدۈرۈپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ بىرىكمە ئۈنۈمنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى چىڭىتىش؛ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ مىكرو تەرەپكە يەتكۈزۈلۈش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خېيىم-خەتەرنى تۈگىتىش؛ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى بىرمۇ-بىر ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  لى چياڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ رېئاللىققا مەھكەم يىلتىز تارتقان ھالدا چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ كۆپ ئەقلىي كۈچ بىلەن قوللىشىنى؛ كارخانىچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىشلەشكە، بۆسۈپ ئۆتۈشكە، مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كارخانىنى پۇختا، ياخشى باشقۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋۇ جېڭلوڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ