لى چياڭ گوۋۇيۈەن ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش ۋىدېيولۇق يىغىنى ئاچتى

ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلاش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2024.03.29 10:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن 28-مارت ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش ۋىدېيولۇق يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلاش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، دۆلەت كومىسسارى ۋۇ جېڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى چياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەم ھازىرغا، ھەم كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان، ھەم ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ھەم تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ھەم كارخانىلارغا، ھەم خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىش بولۇپ، ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بازارنى ئاساس قىلىش، ھۆكۈمەت يېتەكلەشتە، ئىلغارلارغا ئىلھام بېرىش، قالاقلىرىنى شاللىۋېتىشتە، ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەش، تەرتىپلىك ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، سىياسەت مەدىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسىنى ئىگىلەپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، يىغىۋېلىپ تەكرار پايدىلىنىش، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەرىكەتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلاشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە كۆلەم ئۈنۈمىنى كۈچەپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە پۇختا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ