شى جىنپىڭ ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

2024.04.09 09:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ۋاڭ تىڭخۇيدىن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلاپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ئەمەلىيلەشمەكتە. مەسلەكداش، تەقدىرداش بولۇش جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، «يولداش ھەم قېرىنداش بولۇش» جۇڭگو-ۋىيېتنام پارتىيەلىرى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئەڭ جانلىق تەسۋىرى. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، سوتسىيالىزم تۈزۈمى، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ئارقىلىق جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، يۈكسەك سىياسىي ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ياشلار، دوست شەھەرلەر قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئالماشتۇرۇشنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە تەجرىبە قاتارلىقلارنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەل ئىچى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋاڭ تىڭخۇي باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى يولداش ھەم قېرىنداش بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە چىن قەلبىدىن قايىل. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىدا يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق نىشانلارنىڭ بېكىتىلىشى سوتسىيالىزمنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى، بۇ ۋىيېتنامنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ۋىيېتنام بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، شياڭگاڭ، شىنجاڭ، شىزاڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگو جەزمەن ئۇزاق مۇددەت مۇقىملىق ۋە گۈللىنىشنى ساقلايدۇ.

  ۋىيېتنام مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونى ۋىيېتنامنىڭ تاشقى مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى قىلىپ، باش شۇجى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ بېكىتكەن «ئالتە تېخىمۇ» نىشانىغا ئاساسەن، جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى قاتلام دەرىجىلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تۇتاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىدۇ. ۋىيېتنام پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن قويۇق ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەل ئىچى دوستلۇقىنى پۇختىلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى، ۋاڭ دۇڭمىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ