شى جىنپىڭ فرانسىيە مېرېكس فوند جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مېرېكس ۋە رەپىقىسى بىلەن كۆرۈشتى

2024.04.09 09:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا فىرانسىيە مېرېكس فوند جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مېرېكس ۋە رەپىقىسى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مېرېكس ۋە رەپىقىسى ھەمدە مېرېكس فوند جەمئىيىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە جۇڭگونىڭ سەھىيە، ساغلاملىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن داۋالغۇش مەزگىلىگە كىردى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق سەھىيە، ساغلاملىق خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، يەنە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق رايون توقۇنۇشلىرىغىمۇ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر تىنچ ئۆتۈش، ئۇرۇش قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، جۇڭگو ئۇرۇش توختىتىپ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. 60 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىشىلەر جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ناھايىتى مۇستەھكەم. جۇڭگو جۇڭگو-فىرانسىيە دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، فىرانسىيە بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە سەھىيە، ساغلاملىق ساھەسىدە بىر قاتار ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مېرېكس فوند جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  مېرېكس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت، بۇ، فىرانسىيە خەلقىگە بولغان دوستلۇق مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقەم ۋە دوستلۇقۇم بۇنىڭدىن 46 يىل ئىلگىرى باشلانغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىغا باشتىن-ئاخىر دىققەت قىلىپ كەلدىم، مەن بۇنىڭغا قايىل. مېرېكس فوند جەمئىيىتى فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ۋە سەھىيە-ساغلاملىق ھەمكارلىقىنى داۋاملىق پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ