لى چياڭ ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى يېلېن بىلەن كۆرۈشتى

2024.04.08 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدا ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى يېلېن بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، نۆۋەتتە جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇقىم ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭيېقىندا زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ سۆزلىشىشنى كۈچەيتىش، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەش، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشقا بىردەك قوشۇلدى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ رەقىب بولماستىن، بەلكى ھەمراھلاردىن بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بىر نىشانغا قاراپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سان فىرانسىسكو ئارزۇسى»نى «ئەمەلىي ئارزۇ»غا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيادىكى ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىسادىي مەنپەئەتى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ۋە دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەش، ئىختىلاپنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئورتاق تېپىپ چىقىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى مۇقىم، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئادىل رىقابەتلىشىش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت بازار ئىگىلىكى ئاساسىي مىزانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى كەڭ سىياسىيلاشتۇرماسلىقى، كەڭ خەۋپسىزلەشتۈرمەسلىكى كېرەك. بازار نەزىرى ۋە دۇنياۋى نەزەر بىلەن، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەسىلىسىگە ئوبيېكتىپ، دىيالېكتىكىلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك. جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  يېلېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىكى سۆزلىشىش ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش-ئۈزۈش» ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ