دىڭ شۆشياڭ بېيجىڭ، خېبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2024.04.02 13:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 30-ۋە 31-مارت بېيجىڭنىڭ فاڭشەن، خېبېينىڭ جوجۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە جوجۇدا سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زايوم تارقىتىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى تىرىشىپ ئەل رايى قۇرۇلۇشى، ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  30 - مارت چۈشتىن كېيىن، دىڭ شۆشياڭ بېيجىڭ فاڭشەن داشىخې دەريا قانىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، زايوم مەبلىغىنى كۆپەيتىپ تارقىتىپ، سۇ بۇزۇۋەتكەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قايتا قۇرۇشنى قوللاش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، دەريا تېگىنى تازىلاش، قىرغاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە قۇرۇلۇش خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى؛ دۆلەت يولى 108-لىنىيەسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا بېرىپ، سۇ بۇزۇۋەتكەن قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دېدى: زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلان، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش بىلەن ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پايتەختنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ 31-مارت چۈشتىن بۇرۇن، خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى جۈماخې دەرياسىنىڭ جوجۇ بۆلىكىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش جىددىي تۈزەش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا بېرىپ، قايتا قۇرۇلۇش قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، توسمىنىڭ مۇداپىئە مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى؛ تيەنچياۋ مەھەللىسى شۇاڭتا ئوتتۇرا مەكتىپى ئولتۇراق رايونىغا كىرىپ، ئاپەتتە ۋەيران بولغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، كونا مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەمدە ئائىلىلەرگە كىرىپ ئاھالىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلىدىن بۇرۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۇقرالارنى باشتىن - ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ 31- مارت چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 1 تىرىليون يۈەن زايوم تارقىتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنى قوللاش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرما. تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ ۋە ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك. زايوم مەبلىغىنى كۆپەيتىپ تارقىتىشنى مالىيەنى نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يالغان مەلۇم قىلىپ كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئېلىۋېلىش، مەبلەغنى ئىسراپ قىلىش، ئىگىلىۋېلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ھەر بىر مەبلەغنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، دەل جايىغا ئىشلىتىش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، تۈرلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەل رايى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي تۈردە ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ