شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2024.04.03 08:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشىۋالغىنى بويىچە 2-ئاپرىل كەچتە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 11-ئايدا مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سان فىرانسىسكودا ئۇچرىشىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن «سان فىرانسىسكو ئارزۇسى»نى بارلىققا كەلتۈردۇق. بۇ بىر نەچچە ئايدا، ئىككى تەرەپ كوللېكتىپى بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە مۇقىم ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى پاسسىپ ئامىللارمۇ كۆپەيدى، بۇنىڭغا ئىككى تەرەپ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىستراتېگىيەلىك تونۇش مەسىلىسى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى باشتىن-ئاخىر جەزمەن ياخشى ئېتىشكە تېگىشلىك «بىرىنچى تۈگمە». جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت بېرىش-كېلىش قىلمىسا، ئالاقە قىلمىسا بولمايدۇ، توقۇنۇشسا، قارشىلاشسا تېخىمۇ بولمايدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچ بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشى، كونا يولغا قايتماستىن، مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يولنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىلقى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە بىر قانچە چوڭ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، ئىناقلىقنى ئەلا بىلىپ، توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىجابىي مۆلچەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، مۇقىملىقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاۋارىچىلىق تاپماي، ئىش تېرىماي، چەك-چېگرىدىن ھالقىپ كەتمەي، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىشەنچنى ئاساس قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، «سان فىرانسىسكو ئارزۇسى»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن باشقۇرۇپ ۋە تىزگىنلەپ، ھەمكارلىقنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش روھى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ماسلىشىشنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كۈچەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان بىرىنچى قىزىل سىزىق. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە ۋە سىرتنىڭ يول قويۇشى، قوللىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىماسلىق توغرىسىدىكى ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتا ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا كەسپىگە زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى جازالاش دائىرىسىنى بارغانسېرى كېڭەيتىۋەتتى. بۇ «خەۋپ-خەتەرنى تۈگىتىش» ئەمەس، بەلكى خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىش. ئەگەر ئامېرىكا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالىسا، جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى باشتىن ـ ئاخىر ئوچۇق؛ ئەگەر ئامېرىكا جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا قەستەن زەربە بېرىپ، جۇڭگونى ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلسا، بىزمۇ قاراپ تۇرمايمىز.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ، كىشىلىك ھوقۇق، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى شەرھلىدى.

  بايدىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت. سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىن بۇيانقى ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرسە بولىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىختىلاپلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن شۇنى قايتا تەكىتلەيمەنكى، ئامېرىكا «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇشىش ئويى يوق. ئامېرىكا بىر جۇڭگو سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا پايدىلىق، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئالاقىنى ئۈزۈش» ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ. مالىيە مىنىستىرى يېللېن، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېننى يېقىندا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان سۆزلىشىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشنى، خاتا ھۆكۈمدىن ساقلىنىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايمەن.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش سەمىمىي، ئىجابىي بولدى دەپ قارىدى. ئىككى تەرەپ ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى تەرەپ خىزمەت ئۆمىكىنى «سان فىرانسىسكو ئارزۇسى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل قىلىپ، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى كېڭىشىش مېخانىزمى ۋە ئىككى ئارمىيە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەر چەكلەش، سۈنئىي ئەقىل، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلدى. جۇڭگو مالىيە مىنىستىرى يېللېن، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بلىنكېننىڭ يېقىندا جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىنى قارشى ئالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ