لى چياڭ فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

2024.04.02 09:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدا فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېيورنې بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى. بۇ يىل جۇڭگو ـ فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ساھە ۋە يېشىل ئېنېرگىيە، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ـ فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، شۇنداقلا دۇنيا تەرەققىياتىغا ئېنىقلىق ئاتا قىلىشنى خالايدۇ. فىرانسىيەنىڭ ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ۋە بازار قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سېيورنې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، لاگېر قارشىلىشىشقا، «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئۈزۈش»گە قارشى تۇرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ