مۇھىم خەۋەرلەر

ئەنگلىيە خانىشى كەيت راك كېسىلى سەۋەبلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلدى

2024.03.25 13:38 مەنبە: خەلق تورى

  ئەنگىلىيە خانىشى كەيت 22-چېسلا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى راك كېسىلى سەۋەبلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  كەيتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ يىل 1-ئايدا قورساق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، ئەمما ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتە راك كېسىلىنىڭ بارلىقى بايقالغان. ئۇنىڭ داۋالاش ئەترىتى ئۇنىڭغا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك خىمىيەلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن، ئۇ ھازىر داۋالاشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىكەن.

  نۆۋەتتە كەيتنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش تەپسىلاتى تېخى ئاشكارىلانمىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ