«شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2024.03.25 15:31 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  پۇل مۇئامىلە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى تەرەققىياتىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك پۇل مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنى تەدرىجىي تېپىپ چىقتى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ ماھىيىتى، قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىيات يولىغا بولغان تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى، ئۇ ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ پۇل مۇئامىلە مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىجادىي نەتىجىسى بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ پۇل مۇئامىلە سەھىپىسىنى تەشكىل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە تىرىكى بىلەن تەمىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلاردىن ئۈزۈندە» ئون مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 324 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2024 - يىلى 2 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، ئىزاھاتى، نۇتقى قاتارلىق 120 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ