لى چياڭ جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى 2024-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2024.03.25 13:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 24-مارت بېيجىڭدا جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەت تېز ئۆسۈپ يېتىلىپ زورايدى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياخشى بولۇش ئاساسىي ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. بىز ئىزچىل تۈردە كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى كەسىپداش، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ كەلدۇق، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى، قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشىغا ئىشىنىمىز، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، تەرەققىي قىلىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى جەزمەن ھاسىل قىلالايمىز.

  لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، خەلقئارا مۇھىت چوڭقۇر ئۆزگىرىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نۇرغۇن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. جۇڭگو ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى. بىز بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق دۇنيانى ئۈزلۈكسىز تۇتاشتۇرىمىز. تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دۇنياغا جەزمەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. بىز دۇنيا بىلەن جۇڭگونىڭ سىجىل تەرەققىيات چوڭ پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايمىز.

  ۋۇ جېڭلوڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىننى گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان. دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى ئاجاي بانگا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى گېئورگىيېۋا ھەمدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس-ئالىملار، كارخانىچىلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 400 كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ