لى چياڭ فۇجيەن، جياڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2024.03.21 13:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 18-مارتتىن 20-مارتقىچە، فۇجيەن، جياڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» دا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى ۋە ئەل رايى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى چياڭ فۇجيەندە ئالدى بىلەن فۇجۇ شىخۇ كۆلى باغچىسىغا كېلىپ، شىخۇ كۆلىنىڭ سۇ سىستېمىسىنى تۈزەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خەلق تۇرمۇشىغا ئەڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان سائادەتلىك ئىش، شىخۇ كۆلىنى تۈزەش نەتىجىلىرى ئاسان قولغا كەلمىدى، داۋاملىق تىرىشىپ، سۇنى تېخىمۇ سۈزۈك، مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش كېرەك. لى چياڭ داشەن مەھەللىسىدىكى ياشانغانلار ئاشخانىسى ۋە يەسلىسىگە كېلىپ، ياشانغانلار ۋە يەسلىدىكى بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ۋە بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى مىليونلىغان ئائىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، باشقۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك كۈتۈنۈش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شەنلىن خۇافۇ ئولتۇراق رايونىدا، لى چياڭ فۇجيەن ئۆلكىسى ۋە فۇجۇ شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئىجارىگە بەرگىلى، ساتقىلىمۇ بولىدىغان تۇرالغۇ سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىھەلەرنى سەپلەشنى كۈچەيتىپ، تۇرالغۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. مىندۇ يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىخانىسىدا، لى چياڭ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، نەتىجىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ، يېڭى يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلدى. لى چياڭ فۇجۇ گاۋيى گۇرۇھىدا كارخانىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، كارخانىنىڭ جۇڭگودا يىلتىز تارتىپ، نەتىجىسىنىڭ تېز ئاشقانلىقىدىن خۇشال بولدى، ئالاقىدار تەرەپلەرگە سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى قوللاشنى تاپىلىدى.

  جياڭشىدا، لى چياڭ نەنچاڭ شەھىرىنىڭ شىنجيەن رايونىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئائىلىسىگە كېلىپ، نۇقتىلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. لى چياڭ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، تېخىمۇ توغرا، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ خىزمەت تېپىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىش كېرەك. لى چياڭ جياڭشى زامانىۋى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ كەسپىي مائارىپ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. جيۇلۇڭخۇ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدە، لى چياڭ دورا سەپلەش، ئائىلە دوختۇرلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشكە داۋاملىق يېتەكلەپ، ئاممىنى ئىشىك ئالدىدا تېخىمۇ ياخشى داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشنى تەلەپ قىلدى. لى چياڭ جياڭشى ئۆلكىسى لۈنېڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە مايسا يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، مايسىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى چياڭ فۇجيەن، جياڭشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىككى ئۆلكىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىش جەھەتتە يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.ۋۇ جېڭلوڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ