لى چياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالىدى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2024.03.20 14:25 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى. 2024-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام» جەمئىي يەتتە باب، 53 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بەلگىلەندى:

  بىرىنچى، تىجارەتچىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى ۋە تولۇقلاندى. ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، نۇقسانى بار مەھسۇلاتلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ساختا تەشۋىقاتنى مەنئى قىلىش، باھانى ئېنىق يېزىش، ئەندىزىلىك ماددىلارنى ئىشلىتىش، سۈپەت كېپىللىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەر توغرىسىدا تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىلدى. تىجارەتچىلەرنىڭ ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەن ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئالاقىدار مەجبۇرىيىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرى تولۇقلاندى.

  ئىككىنچى، تور ئىستېمالىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. تىجارەتچىلەر تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنى تاۋار سېتىۋېلىشقا ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىشىغا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا مەجبۇرلىشىغا بولمايدۇ. تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلار ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا، ئوخشاش بىر تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئوخشاش سودا شەرتى ئاستىدا ئوخشاش بولمىغان باھا ياكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولمايدۇ. مۇددەتنى ئاپتوماتىك ئۇزارتىش، ھەقنى ئاپتوماتىك تۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مۇلازىمەت قىلىدىغان تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى روشەن ئۇسۇل بىلەن ئەسكەرتىشى كېرەك. بىۋاسىتە سېتىش سۇپىسى تىجارەتچىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

  ئۈچىنچى، ئالدىن تۆلەش شەكلىدىكى ئىستېمال تىجارەتچىلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى كۈچەيتىلدى. تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلار بىلەن پۈتۈشكىنى بويىچە تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى، تاۋار ياكى مۇلازىمەت سۈپىتىنى تۆۋەنلەتمەسلىكى، خالىغانچە باھا قوشماسلىقى كېرەك. تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى پۈتۈشكىنى بويىچە تەمىنلىمىگەنلەر ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە پۈتۈمنى ئادا قىلىشى ياكى ئالدىن تۆلىگەن پۇلنى قايتۇرۇشى كېرەك. تىجارەتچىدە زور تىجارەت خەۋپ-خەتىرى كۆرۈلسە، ئالدىن پۇل تۆلەشنى توختىتىشى كېرەك؛ تىجارەتنى توختىتىش ياكى مۇلازىمەت سورۇنىنى يۆتكەشنى قارار قىلغان بولسا، ئىستېمالچىلارغا ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشى ياكى ئالدىن تۆلەنگەن پۇلنىڭ ئىستېمال قىلىنمىغان قالدۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

  تۆتىنچى، ئىستېمال تۆلەم تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئەرز قىلىش، پاش قىلىشتا قانۇن-نىزام ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش، ئەرز قىلىش، پاش قىلىشتىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە، تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە، بازار ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ماركىسى، بەلگىسى، چۈشەندۈرمىسى، تەشۋىقات ماتېرىيالى قاتارلىقلاردا تاۋار ياكى مۇلازىمەت سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ھەمدە ئىستېمالچىلارنى ئازدۇرمايدىغان، نۇقسانسىز بولسا، جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم بەلگىلىمىسى تەتبىقلانمايدۇ. تېقىۋېلىش، يەڭگۈشلىۋېلىش، ساختىلىق قىلىش، تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش، پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تۆلەمنى ئالداپ ئېلىۋالغانلار ياكى تىجارەتچىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلغانلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  بەشىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلارنى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار ئىستېمالغا دائىر ئەرز، پاش قىلىش ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىستېمال سىگنالى بېرىش ۋە خەۋپ-خەتەر ئەسكەرتمىسىنى قانات يايدۇرۇپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

  بۇنىڭدىن باشقا «نىزام»دا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىستېمال تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەپسىلىيلاشتۇرۇلدى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىق بەلگىلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ